قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » دىن ۋە ھايات
دىن ۋە ھايات
«دىن ۋە ھايات» ناملىق بۇ ئەسەر 1600 سوئال ۋە جاۋابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتۇر ئەسىرىدە تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتى ۋە تۈرلىرى، ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى، ئىسلام دىنىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭدىكى كەڭرىچىلىك، رەسۇلۇللاھنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئائىلە تۇزۇمى ۋە پەرزەنت تەربىيىسى قاتارلىق ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ بېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان دىنى، ئىجتىمائى، سىياسى ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەرگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/250185
كىتابلار
- ئائىلىدىكى تەربىيە مەنبەسى«ئائىلىدىكى تەربىيە مەنبەسى» بۇ ئەسەر ئائىلىدە پەرزەنتلىرىمىزگە ئىسلامى تەربىيەنى قانداق ئىلىپ بېرىش توغرىسىدا بىر نەچچە مۇھىم نۈقتىلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.1-ئىمانى تەربىيەگە چاقىرىش 2- ئەخلاقى تەربىيەگە چاقىرىش 3- نەپسى تەربىيەگە چاقىرىش 4- ئىجتىمائىي تەربىيەگە چاقىرىش 5- جىسمانى تەربىيەگە چاقىرىش 6- دىندا بىلىش مۇھىم دەپ قارالغان ئەھكاملارنى ئۆگۇتۇشكە چاقىرىش 7- ياخشىلىققا بۇيرۇپ ، يامانلىقتىن توسۇش ئىددىيسىگە يېتەكلەشكە چاقىرىش.
يازما : ئا.ئابدۇرەھمان خاقانى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/73366
- ھەدىسلەر توپلىمىھەدىسلەر توپلىمى ناملىق بۇ ئەسەر 6500 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 10 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ھەجمى ئەڭ چوڭ دىنى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتۇر بۇ توپلامنى سەھىھۇلبۇخارى، سەھىھ مۇسلىم، سۇنەنى تىرمىزى، سۇنەنى ئەبۇ داۋۇد، سۇنەنى نەسائى، سۇنەنى ئىبنى ماجە، مۇۋەتتەئۇ مالىك، سۇنەنى دارىمى، مۇسنەدى ئەھمەد، تەبەرانى ئەلكەبىر، تەبەرانى ئەلئەۋسەت، تەبەرانى ئەسسەغىر، مۇسنەدى ئەبۇ يەئلا مەۋسىلى، مۇسنەدى بەززار، زەۋائىدۇ رەزىن ناملىق 15 ھەدىس كىتابتىن تەييارلىغان بولۇپ، جەمئى 10 مىڭ 131 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يازما : مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان مەغرىبىي
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى - سابىرجان
تەرجىمە قىلغۈچى : مۆمىن جان - ئالىمجان ئاتائۇللاھ - ئابدۇلخالىق ئابدۇلباقى - ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم
Source : http://www.islamhouse.com/p/381076
- ئىز باسار تۆت خەلىپە«ئىز باسار تۆت خەلىپە » ناملىق بۇ ئەسەر ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق پەزىلەتلىك تۆت ساھابىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدىكى ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىق روھلىرى قاتارلىقلارنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
يازما : مەھمۇد شاكىر
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/71603
- دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار«دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار» ناملىق بۇ كىتابچىدا، ئاپتور ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ۋە يولغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ قولايلىق بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان218 سوئال ۋە جاۋابنى، سوئال-جاۋاب شەكلىدە تەييارلاپ ھۆزۈرۈڭلارغا تەقدىم قىلدى.
يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/193302
- مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىبۇ كىتاپ ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ «مەدارىجۇسسالىكىين»ناملىق ئەسىرىدىن "مۇناپىقلىق" دېگەن بۆلۈمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئاپتور ئەسىرىدە مۇناپىقلىقنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان خەتىرى، مۇناپىقلىقنىڭ تۈرلىرى، مۇناپىقنىڭ سۈپەتلىرى، شۇنداقلا ئەقىدىسىگە، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلغان مۇناپىقلار دۇنيادا خار بولسا، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت روھى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بېرىدۇ.
يازما : ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
تەرجىمە قىلغۈچى : مەرھۇم ئابدۇللاھ روزى داموللا ھاجىم
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئىسلام نۇرى تور بېكىتى http://www.islamnuri.info
Source : http://www.islamhouse.com/p/218413












