قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » سۈرە پەجر
ئۇيغۇرچە
كىتابلار
- پەزىلەتلىك ئەمەللەر«پەزىلەتلىك ئەمەللەر» ناملىق بۇ كىتاپتا ئاپتۇر ئىسلام دىنىدىكى ئىبادەتلەر ئەقىلغا تايانماستىن ؛بەلكى قۇرئان ۋە ھەدىسگە ئاساسلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، بەندىنى ئاللاھقا يىقىنلاشتۇرىدىغان، ئىنساننىڭ روھى ۋە مەنىۋىيىتىگە ۋاستسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەمەللەرنى قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ چۈشەنچە بېىرىدۇ.
يازما : پىغانى ئۇيغۇرى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/74839
- ئىز باسار تۆت خەلىپە«ئىز باسار تۆت خەلىپە » ناملىق بۇ ئەسەر ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق پەزىلەتلىك تۆت ساھابىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدىكى ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىق روھلىرى قاتارلىقلارنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
يازما : مەھمۇد شاكىر
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/71603
- ئىسلام دىنىنىڭ روھى (تەۋسىيە ئەسەر)«ئىسلام دىنىنىڭ روھى» ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتور ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى زۆرۈر بولغان كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئائىت ئاساسى مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئىسلامنىڭ ئاساسى پرىنسىپىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىنىڭ زامان-ماكان تاللىماستىن ھەرقانداق ھازارەت بىلەن خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان ھالدا ماسلىشىپ كېتەلەيدىغانلىقى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلاھىي ۋەھيى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىل پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە قۇرئان كەرىمدىن ئىلمى دەلىللەرنى كەلتۈرگەندىن سىرت ئەقلى ئىسپاتلار بىلەن دەلىللەيدۇ. دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان تۆھمەت ۋە شەك-شۇبھىلەرگە ئىلمى ئۇسۇلدا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ.
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/326065
- ئىسلام ئەقىدىسىدىن ساۋات«ئىسلام ئەقىدىسىدىن ساۋات» ناملىق بۇ ئەسەردە، ئىنسان قانداق قىلغاندا ھەقىقى مۆمىن بولالايدىغانلىقى، مۇسۇلماننى ئىسلام دىنىدىن چېقىرىدىغان ئامىللار، ئاللاھقا ئىمان كەلتۇرۇش،پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۇرۇش،سەماۋى كىتاپلارغا ئىمان كەلتۇرۇش، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۇرۇش،قىيامەتنىڭ بولىشىغا ئىمان كەلتۇرۇش، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىشىغا ئىمان كەلتۇرۇش،ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىمان كەلتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە تايىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يازما : مۇھاجىرى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/73098
- ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش«ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش»ناملىق بۇ ئەسەر ئىسلام دىنىنى ئەڭ ئاسان ئۇسۇل بىلەن چۇشەندۇرۇپلا قالماي؛بەلكى ئىسلامنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى مۆمىن قەلبىدە ئۇرغۇتقۇسى.بۇ كىتاب ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن ھەر-خىل شەيتانى خىياللارغا قانائەتلىنەرلىك ئەقلى دەلىل ۋە قۇرئان كەرىم ، ساغلام ھەدىسلەرنىڭ روھى بىلەن ئىلمى ئاساستا ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يازما : ئەلى تەنتاۋى - ئەلى تەنتاۋى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/70722












